باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ تەتقىقات سېلىنمىسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ دەرىجىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 15 دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ، ئاساسىي تەتقىقات خىراجىتى نىسبىتى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى

2017.12.11 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2016-يىللىق مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا خىراجىتى سېلىنمىسىنىڭ ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»دا كۆرسىتىلىشچە، 2016-يىلى ئېلىمىزنىڭ تەتقىقات خىراجىتى سېلىنمىسى 1 تىرىليون 567 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرىلاپ يەنە يېڭى رېكورت ياراتقان. 12-ئاينىڭ 7-كۈنى سىرتقا ئېلان قىلغان جۇڭگونىڭ 2016-يىللىق يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىنى ئۆلچەش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ 2016-يىللىق يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى 181.2گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5.7 ئېشىپ مۇقىم ئۆسۈش ۋەزىيىتىنى ياراتقان؛ تېخنىكا بازىرىنىڭ پۈتۈشكەن توختام سوممىسى تۇنجى قېتىم تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ دەرىجىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان 15 دۆلەتنىڭ %2.08 تىن ئىبارەت ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، ئېلىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ توختىماي ئېشىشى بىلەن بىرگە، تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ داۋاملىق ياخشىلانغان. 2016-يىلى ئاساسىي تەتقىقاتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن داۋاملىق ئېشىپ %5.2كە يېتىپ، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ تەتقىقات خىراجىتى 291 مىليارد 570 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %11 ئېشىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 1.4 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرىلاپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم تايانچ ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 2016-يىلى كارخانىلارنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتتىكى تەتقىقات خىراجىتىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %83.8كە يېتىپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 12.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆسۈپ، كارخانىلارنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتتىكى تەتقىقات خىراجىتىنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى يەنىمۇ كۈچەيگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر