باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مارتېن شۇلىز «ياۋروپا قوشما دۆلەتلىرى» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ نېمە ئىش قىلماقچى؟

2017.12.11 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى قۇرۇلتىيى 7-دېكابىردىن 9-دېكابىرغىچە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە رەئىسى مارتېن شۇلىز پارتىيە قۇرۇلتىيىدا 2025-يىلىدىن بۇرۇن ئورتاق ياۋروپا ئاساسىي قانۇن خاراكتېرىدىكى ھۆججەت تۈزۈش ھەمدە بۇنىڭغا ئاساسەن «ياۋروپا قوشما دۆلەتلىرى» قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئاساسىي قانۇن خاراكتېرلىك ھۆججەتنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تەستىقلايدۇ، تەستىقلىمىغان ھەرقانداق دۆلەت ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلىدۇ.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: مارتېن شۇلىزنىڭ بۇ ھەيران قالارلىق سۆزلەرنى قىلىشتىكى مەقسىتى سايلىغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ بىرلىشىپ كابىنېت تەشكىللەش پوزىتسىيەسىدە نېمىشقا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى سىياسىي پىروگراممىسىنىڭ مېركېل رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقلاشقان پارتىيەنىڭكىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بېسىلىپ قالغان ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈش. ئەمما بۇنداق «سىياسىي لاپ»نىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك.

  گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ئەڭ بۇرۇن 1925-يىلى ئامېرىكا ئەندىزىسىگە ئاساسەن ياۋروپادا بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مارتېن شۇلىزنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزلىرى بۇ پارتىيەنىڭ بۇ نىشانغا تۇنجى قېتىم كونكرېت ۋاقىت چېكى بېكىتىشى بولۇپ، مەقسىتى بۇ نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىدا ئىشقا ئاشۇرۇپ بولۇش.

  مارتېن شۇلىز 7-دېكابىر پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بىر سائەتتىن كۆپرەك نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ياۋروپا قوشما دۆلەتلىرى»نى قۇرغاندىلا كىلىمات ئۆزگىرىشى، مۇساپىرلار دولقۇنى، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ باجدىن قېچىشى قاتارلىق زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرغىلى، ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى توسۇغىلى بولىدۇ.

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل شۇلىزنىڭ بۇ ئىپادىسىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن ياۋروپانى «فېدېراتسىيە دۆلىتى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلمايمەن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە، تەرەققىيات سىياسىتى، مائارىپ، تەتقىقات ساھەسىدە «تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشىش»ىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  گېرمانىيەنىڭ تىرانسپورت مىنىستىرى، خىرىستىيان سوتسىيالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى دوبلىنتى شۇلىزنىڭ تەكلىپى «ياۋروپا ئەسەبىيلىكى» دەپ سۆكتى.

  بۇ يىل 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى سايلىمىدا، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ئىككىنچى چوڭ پارتىيەلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئاران %20.5 ئاۋازغا ئېرىشكەن، بۇ-بۇ ئوتتۇرا سوت قانات پارتىيەنىڭ فېدېراتىپ گېرمانىيە تارىخىدىكى ئەڭ ناچار نەتىجىسى. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى نۇرغۇن ئەربابلار: ئۇزاق مۇددەت بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەچكە، بۇ پارتىيە ئالاھىدىلىكىنى يۇقاتتى، شۇڭا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى لاگېرىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتەلىشى قىيىن، دەپ قارىدى. شۇلىز ئارقىدىن: بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشمايمەن، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىگە قاتنىشىمەن، دەپ كۆپ قېتىم جاكارلىدى.

  ئەمما، ئىتتىپاق پارتىيەسى، ئەركىن دېموكراتىك پارتىيەسى ۋە يېشىل پارتىيەنىڭ سىناق تەرىقىسىدە كابىنېت تەشكىللەش سۆھبىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا ئەگىشىپ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ «قايتىدىن ياخشىلىنىش» ساداسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. شۇلىزنىڭ ئىپادىسىدىكى «180 گىرادۇس ئۆزگىرىش» كابىنېت تەشكىللەش سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى خالاش سىگنالى بەردى.

  شۇلىزنىڭ تۇيۇقسىز مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى پارتىيە ئىچىدىكىلەرنىڭ ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. بەزىلەر شۇلىزنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىگە داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

  بېسىم ئاستىدا، شۇلىز سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى قۇرۇلتىيىدا كابىنېت تەشكىللەش سۆھبىتىگە قاتنىشىپ، گېرمانىيەنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇلىز پارتىيە ئىچىدىكىلەرنىڭ «يەنە بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنى گۇمران قىلىدۇ» دېگەن گۇمانلىرىغا قارىتا «ياۋروپا قوشما دۆلەتلىرى»دىن ئىبارەت بۈيۈك ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئۇنىڭ سابىق ياۋروپا كېڭىشى باشلىقلىق سالاھىيىتىگە ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ ئېھتىياتچان مېركېل بىلەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، مېركېلنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كۆزىگە ئاسقان پەردىسىنى ئاچىدۇ.

  شۇلىز سۆزلىگەن نۇتۇق دەرھال ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى قۇرۇلتىيىدا بىرلەشمە پارتىيە بىلەن بىرلىشىپ كابىنېت تەشكىللەش ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، شۇلىز %81.9 ئاۋازغا ئېرىشىپ پارتىيە رەئىسلىكىگە يەنە بىر قېتىم سايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر