باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 12- ئايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى

2017.12.11 16:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە تەشۋىق قىلىش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 12- ئايدا شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. 12- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىكى بارلىق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىقىدا تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، يۈك- تاقلىرىنى ئېلىپ ئاساسىي قاتلامدىكى كەنت، مەھەللىلەرگە بېرىپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، ئامما نېمە يېسە كادىرلار شۇنى يەيدۇ، ھەر كۈنى ئاممىغا تاماق پۇلى تاپشۇرىدۇ، بىر ھەپتە قانات يايدۇرۇلىدىغان ئامما بىلەن بىللە غىزالىنىش، بىللە تۇرۇش، بىللە ئەمگەك قىلىش، بىللە ئۆگىنىش پائالىيىتى ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ پۇختا ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. ئاپتونوم رايون 12- ئاينىڭ 8- كۈنى سەپەرۋەرلىك سىن يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن شەكىل ۋە كۆلەمدە كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىلدى، كادىرلارنىڭ ئىستىلى ياخشىلاندى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشتۇرۇلدى، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش ئۈچۈن چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى، كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك. «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى ھازىرقى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ يولغا قويۇپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر، يېقىشلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بەش يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەتتە يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم ھۆكۈم، مۇھىم تەدبىرلەرنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا چۈشەندۈرۈپ، ھېس قىلدۇرۇپ، ئەستە ساقلاتقۇزۇپ، ئىدىيەنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى، كۈچنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئائىلىلەرگە كىرىش قاتارلىق كەنت دەرىجىلىك خىزمەت كۈچلىرى بىلەن ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىشى، ئاممىۋى خىزمەتنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك؛ ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئىشىنى ئائىلىسىنىڭ ئىشى، تۇغقانلىرىنىڭ ئىشى، دەپ بىلىپ، ئۇلار ھەل قىلىشنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغان، ئەڭ تەقەززا بولغان، ھازىر ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك؛ مول مەزمۇنلۇق، تەربىيە ئەھمىيىتىگە ئىگە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، مۇڭدىشىش جەريانىدا ھېسسىياتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمەت لۇشيەنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كادىرلار ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ھېسسىياتتا ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملىشى، كۈچ توپلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر