يېقىندا، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ئۈچ كۈنلۈك دالا مەشقىنى قانات يايدۇردى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە، جىددى سىگنال ئاۋازى قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدا تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىئە يېڭى ئەسكەرلەر ليەنىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى. يېڭى ئەسكەرلەر بۇيرۇقنى ئاڭلاپلا تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە كېلىپ، يۈك-تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، قوراللىرىنى ئېلىپ تېز سۈرئەتتە يىغىلىپ، ئۈچ كۈنلۈك دالا مەشقىگە ئاتلاندى.
دالا مەشىقىدە، ئوفېتسىېر-ئەسكەرلەر تولۇق قوراللىنىپ، يولبويى مانېۋىر مەشىقى قىلىپ ماڭدى. يۇقىرى ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايوندا، قۇملۇقتا، چۆل-جەزىرىدە، داۋان ۋە دەريا-ئېقىنلاردا ئېلىپ بېرىلغان قوماندانلىق قىلىش، ئۇرۇش تاكتىكىسى ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتى ۋە ئىرادىسىنى چېنىقتۇردى. ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خەرىتە بويىچە يۈرۈش، ئۇرۇش ئىشلىرى، دالىدا جان ساقلاش، سىنىپ-گۇرۇپپا تاكتىكىسى قاتارلىق 17 مانېۋىر تۈرىنى ئورۇنداپ، يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ مۇرەككەپ بولغان يەر تۈزۈلۈشى، ناچار ھاۋا شارائىتىدا يۈرۈش، ئوزۇقلىنىش، تۇرۇش، يوشۇرۇنۇش قاتارلىق ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى سىنىدى ۋە تاۋلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى