باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا كېلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىنىدۇ

2017.12.11 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش بېجىدا كونكرېت تەدبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى لايىھەسىگە ئاساسەن، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدا مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىنىدىغانلىقى بېكىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىغا تەدبىقلىنىدىغان باج سوممىسى ھەر بۇلغىنىش ئېكۋىۋالېنتغا 1.2 يۈەن، سۇ بۇلغىمىسىغا تەدبىقلىنىدىغان باج سوممىسى ھەر بۇلغىنىش ئېكۋىۋالېنتىغا 1.4 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش بىر بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى ۋە سۇ بۇلغىمىسىغا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تۈر سانى كۆپەيتىلمەيدۇ.

  بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ئېلىشنى مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىشقا ئۆزگەرتىشتە «باج سېلىقىنى تەكشى يۆتكەش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ، «كارخانىلار مەلۇم قىلىش، باج ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى باج ئېلىش ۋە مۇھىت ئاسراشنى ماسلاشتۇرۇش، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش»تەك باج ئېلىش ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە ئاساسەن، باج تاپشۇرغۇچىلار ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى ۋە سۇ بۇلغىمىسى، قاتتىق تاشلاندۇق ۋە شاۋقۇندىن ئىبارەت تۆت تۈردىكى بۇلغىما بېجى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىت ئاسراش بېجىنى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلىشى كېرەك. باج تاپشۇرغۇچى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بۇلغىما قويۇپ بەرگەن كۈنىدىن باشلاپ باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى باشلانغان ھېسابلىنىدۇ، مۇھىت ئاسراش بېجى ئاي بويىچە ھېسابلىنىدۇ، پەسىل بويىچە تاپشۇرۇلىدۇ.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا 1979-يىلىدىن باشلاپ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھەققى ئېلىنىشقا باشلىغان، بۇلتۇر تەخمىنەن 5000 كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچى بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھەققى تاپشۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر