باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ قەدىمكى دالا چاڭغا تېيىلىش پائالىيىتى يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى

2017.12.11 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئون مىڭ يىل ئىلگىرى، قەدىمكى ئادەملەر ئالتاي تېغىدا چاڭغا تېيىلىپ ئوۋ ئوۋلىغان. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ غەربىي شىمال-شەرقىي جەنۇپ يۆنىلىشىدە سوزۇلغان دۆلەت ئاتلىغان ئۈزۈك بۆلۈنمىلىك تاغ تىزمىسى دۇنياۋى دالا چاڭغا تېيىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئالتۇن ماكانغا ئايلاندى.

  ئاۋىسترالىيەلىك قار تېيىلىش ھەۋەسكارى سىتىۋ بىكىستاۋ ئىلگىرى قار تېيىلىش تاختىسى بىلەن ياۋروپادىكى ئالپىس تېغى، شىمالىي ئامېرىكىدىكى روككى تېغى ۋە خوككايدۇدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا ھەر خىل قار تېيىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. بۇلتۇر قىشتىن باشلاپ، ئۇ دوستلىرى بىلەن مەشىق قىلىش بازىسىنى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئالتاي دالا چاڭغا تېيىلىش باغچىسىغا كۆچۈرۈپ كەلدى ۋە بىر كەلگىنىچە 20 نەچچە كۈن تۇردى.دالا چاڭغا تېيىلىش پائالىيىتى تەبىئىي قار، قارلىق تاغ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ تەبىئىي قار تېيىلىش يوللىرىدا شۇغۇللىنىدىغان تەنھەرىكەت شەكلى بولۇپ، بۇ يوللار سۈنئىي ھالدا ماشىنا ئارقىلىق بېسىش ئەمەس، بەلكى تەبىئىي شەكىللىنىدۇ ياكى تاغدىكى دەرەخلەر ئارىسىدىن يول ئېچىپ ياسىلىدۇ، بۇ خىل تەنھەرىكەت ئاساسلىقى تېخنىكىغا پىششىق، يۇقىرى سەۋىيە ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا ماس كېلىدۇ.

  دالا چاڭغا تېيىلىش باغچىسىدا «دالا چاڭغا پائالىيىتىنى سىناپ كۆرۈش» ۋە «تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن قار تېيىلىش» ئاساسىي تۈر قىلىپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، دەسلەپكى ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھەۋەسكارلارنىڭ يېشى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن، 55-ياشتىن 65-ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ۋاقتى يېتەرلىك، ئىستېمال ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ئادەتتە شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردا كۆپرەك كېلىپ قار تېيىلىدىكەن، بۇلار ئىستېمالچىلارنىڭ %34ىنى ئىگىلەيدىكەن. 25-ياشتىن 45-ياشقىچە بولغان ياش ۋە ئوتتۇرا ياش خىزمەتچىلەر ئادەتتە دەم ئېلىش كۈنلىرى كېلىپ قار تېيىلىدىكەن. ھازىر بۇ توپتىكى كىشىلەرنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئومۇمىي ئىستېمال ئوبيېكتىنىڭ %40ىنى ئىگىلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر