باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك

2017.12.11 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى نۇرغۇن تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەسلى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەسلى قۇرۇشتىكى ئىش-ھەرىكەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئادەتتە يەنىلا تەرتىپلىك ھالدا ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ قاتنىشىشى بولغان نورمال ھالەت مېخانىزمى بەرپا قىلىىشى، ئاتا-ئانىلارنىمۇ بالا تەربىيەلەشكە «شېرىك» بولۇشقا تەكلىپ قىلىشى، ئائىلە ۋە يەسلى ئورتاق ھالدا تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  يېقىندىن بېرى، يەسلىلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار يەنە شۇلارنىمۇ ئۈمىد قىلماقتا: يەنى، بالىلىرىنىڭ يەسلىدىكى بىر كۈنلۈك دەرستە نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكى، بالىلىرىنىڭ يەسلىدە تاماقنى ياخشى يېگەن-يېمىگەنلىكى، ياخشى ئۇخلىغان-ئۇخلىمىغانلىقى، كىچىك دوستلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقى قاتارلىق ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئاتا ئانىلارنىڭ بۇ خىل ئۈمىدى ۋە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھەردىكى يەسلىلەردە، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاتا-بالىلارنى يەسلىگە تەكلىپ قىلىپ، بالىلىرىنىڭ يەسلىدىكى تۇرمۇشىدىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلىدىغان كەيپىيات بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا. مەسىلەن، بېيجىڭ شىچېڭ رايونىدىكى شىنجىڭ جىداۋ يەسلىسىدە، ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزىتىپ تۇرىشى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن ئوچۇق دەرس كۈنلىرى پائالىيىتى بىر نورمال ھالەتكە ئايلاندى. ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم مەخسۇس مەسلىھەت بېرىش كۈنى ۋە سىنىپتىكى ئاتا-ئانىلار يىغىنى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يەسلىگە كىرەلەيدۇ.

  يەنە بەزى يەسلىلەر ئاتا-ئانىلارنى يەسلى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. مەسىلەن، چاڭ خانىمنىڭ ئوغلى فېڭتەي رايونى 2- يەسلىدىكى چوڭ سىنىپتا ئوقۇيدىغان بولۇپ، مۇئەللىم سىنىپنىڭ ئۈندىدار توپى ئارقىلىق بالىلار پائالىيىتىنىڭ رەسىملىرى ۋە سىن ھۆججەتلىرىنى قەرەللىك ھالدا ئېلان قىلىپ تۇرىدىكەن، ئاتا-ئانىلارمۇ ئاشۇ ئۈندىدار توپى ئارقىلىق بالىلىرىنىڭ ئۆيدىكى ئىپادىلىرى ئۈستىدە مۇئەللىمى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىكەن. فېڭتەي رايونىدىكى 2- يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۈ بېي مۇنداق دېدى: بىز ئۈندىدار توپى ئارقىلىق، ئاتا-ئانىلارغا "قاتنىشىش" تۇيغۇسى بېرىشنى، ھەمدە ئاتا-ئانىلارنىڭ يەسلىمىزدىكى مائارىپنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسىنى ئېتىراپ قىلالىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى، ھەمدە يەسلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇلارنىڭمۇ ئەقىل كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. نۆۋەتتە، فېڭتەي رايونى 2- يەسلىسىدە ئاپىلاردىن تەركىب تاپقان ئاقىللار ئۆمىكى، مومىلار تاماق قوللاش ئۆمىكى، دادىلار تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش ئۆمىكى ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىش ئۆمىكى قاتارلىق ئۆمەكلەر قۇرۇلدى، ھەرخىل پائالىيەت ئارقىلىق، ئاتا-بالىلارنى يەسلى ئوقۇتۇش ۋە كۈندىلىك باشقۇرۇشتىكى خىزمەتلەرگە تەرتىپلىك قاتناشتۇردى. يەسلى باشلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بالىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلسۇن دېسەك، يەسلى ۋە ئائىلىلەر ئارا مائارىپ ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئاتا-ئانىلار ۋە يەسلى ئارا ئۆز ئارا چۈشىنىشىپ، تەربىيە بىرىكمىسى ھاسىل قىلغاندىلا، ئاندىن بالىلارغا بۇنىڭدىن نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

  مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق تەكلىپ بەردى: بىزدە ئائىلە ۋە يەسلى بىرلىكتە تەربىيەلەش سىستېمىسى بولغاندىن باشقا، بىز يەنە ئائىلىلەر، مەكتەپلەر ۋە مەھەللىلەردىن تەركىب تاپقان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، «ئائىلە، مەكتەپ، مەھەللە» ئۈچى بىر گەۋدىلەشكەن ئادەم تەربىيەلەش ئىسترولۇق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر