باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭدا سۇچىلىق مۇقىم مۈلۈك قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 37 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتتى

2017.12.11 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق مۇقىم مۈلۈك قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 37 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇ يىلقى 36 مىليارد يۈەنلىك مەبلەغ سېلىش نىشانى ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىغان سېلىنغان مەبلەغ 14 مىليارد 852 مىليون بولۇپ، پىلاندىكىنىڭ %91.3ىنى ئىگىلىگەن.

  ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئورۇندىغان يىللىق نىشان ۋەزىپە 29 مىليارد 62 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، سانجى ئوبلاستى، ئىلى ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قۇمۇل شەھىرى، بورتالا ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى يىللىق نىشان ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇندىغان.

  11-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار تاماملىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش كۆلىمى 2 مىليون 367 مىڭ 800 موغا يېتىپ، يىللىق ۋەزىپە پىلانى 2 مىليون 400 مىڭ مونىڭ %98.66ى ئورۇندالغان، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستى، قۇمۇل شەھىرى يىللىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر