باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ماراكەش باش ۋەزىرى ئوسماننىي ماراكەش ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى بولۇپ سايلاندى

2017.12.11 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ماراكەش باش ۋەزىرى ئوسماننىي 10-چېسلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى.

  ئوسماننىي شۇ كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەملىكەتلىك 8- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، كۆپ ئاۋاز بىلەن باش شۇجى بولۇپ سايلاندى. ئۇندىن باشقا، قۇرۇلتايدا يەنە 160 نەپەر ھەيئەتتىن تەركىب تاپقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى سايلاپ چىقىرىلدى.

  ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 2016- يىلى 10- ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىدا پارلامېنتتىكى 395 كىشىلىك ئورۇن ئىچىدە 125 كىشىلىك بېلەتكە ئېرىشكەن، بۇنىڭ بىلەن، ھەرقايسى پارتىيەلەر ئىچىدە ئۇلار ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان، ھەمدە مەزكۇر پارتىيەنىڭ باش شۇجىسى بېن جىلان ئارقىدىنلا باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئىچكى كابىنېتنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولغان. لېكىن بېن جىلان مەيلى قانداقلا قىلمىسۇن، ئاخىر باشقا پارتىيەلەر بىلەن بىرلىكتە مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان پارلامېنت بولۇپ تەشكىللىنەلمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ كابىنېت تەشكىللىشى نەتىجىسىز بولۇپ چىققان ئىدى. بۇ يىل 3- ئاينىڭ 17- كۈنى، ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد ئالتىنچى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئوسماننىينى يېڭى باش ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى، ھەمدە 4- ئايدا ئوسماننىي مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كابىنېت تەشكىللىگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر