سۈرەتتە: بوشلۇقتىن تارتىلغان شاڭخەي ياڭشەن چوڭقۇر دېڭىز پورتىنىڭ 4-قارارلىق ئاپتوماتىك پىرىستانى (10- دېكابىر تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-دېكابىر، شاڭخەي ياڭشەن چوڭقۇر دېڭىز پورتىنىڭ 4-قارارلىق ئاپتوماتىك پورتى ئېچىلىپ، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ، شاڭخەيدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۈك ساندۇقى پىرىستانىنىڭ قۇرۇپ چىقىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ياڭشەن ئاپتوماتىك پىرىستانىدا جەمئىي يەتتە يۈك ساندۇقى پاراخوتى توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىنغان، كونتېينېر پىرىستان قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2350 مېتىر بولۇپ، لايىھەدىكى يىللىق مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى دەسلەپكى مەزگىلدە 4 مىليون ئۆلچەملىك ساندۇق، كېيىنكى مەزگىلدە 6 مىليون 300 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇق قىلىپ لايىھەلەنگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى