باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدا مەشىق ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچراپ، ئىككى جۇڭگولۇق قازا قىلدى

2017.12.11 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتى ساقچى تەرەپ 9-دېكابىر جۇڭگونىڭ خيۇستوندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بىر كىچىك تىپتىكى مەشىق ئايروپىلانىنىڭ 8-دېكابىر فىلورىدا ئىشتاتىدا ھادىسىگە ئۇچراپ، ئىككى جۇڭگولۇق ئۇچقۇچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  جۇڭگونىڭ خيۇستوندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ دەلىللىشىچە، قازا قىلغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككىلىسى 20 نەچچە ياشلىق ئەر بولۇپ، شۇ جايدىكى بىر ئۇچۇش مەشىق مەكتىپىدە ئوقۇيدىكەن. باش كونسۇلخانا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۇچۇش مەشىقى مەكتىپى تۇرۇشلۇق فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ سانفورد شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  8-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، بىر كىچىك تىپتىكى مەشىق ئايروپىلانى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى فلورىدا ئىشتاتىدا ھادىسىگە ئۇچراپ، ئايروپىلاندىكى ئۈچ كىشىنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتتى. ساقچى تەرەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئايرۇپىلاندىكى ئۈچ كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى، ئۇلارنىڭ جەسىتى تېپىلدى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر