باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەتلەس «چىپاۋ»لار كۆزلەرنى قاماشتۇردى

2017.12.12 15:29   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەتلەس «چىپاۋ»لار كۆزلەرنى قاماشتۇردى

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ «چىپاۋ» مەدەنىيەت سارىيى ئۇيۇشتۇرغان «گۈزەل چىپاۋ، گۈللەنگەن جۇڭگو ئارزۇسى» باش تېما قىلىنغان جۇڭخۇا مەدەنىيتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «چىپاۋ» مەدەنىيتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ «چىپاۋ» مەدەنىيەت سارىيىدىكى 100 نەچچە ساھىبجامال چىرايلىق «چىپاۋ»لىرىنى كىيىشىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق تاماشىبىنغا گۈزەللىك ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلدى. شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەتلەس «چىپاۋ»لار كۆزلەرنى قاماشتۇردى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 19 ـ قۇرۇلتاي روھى يېتەكچى قىلىنىپ، جۇڭگو ئارزۇسى باش تېما، «چىپاۋ»غا مۇھەببەت ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى «چىپاۋ»نى تولۇق نامايان قىلىش بىلەن بىللە، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىغا كەڭ تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «چىپاۋ» مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى.

  پائالىيەت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى» بىلەن باشلاندى، نەق مەيداندا «چىپاۋ» ئەترىتىدىكىلەر كوللېكتىپ شېئىر «ۋەتەنگە بەخت تىلەش»نى دىكلاماتسىيە قىلدى. ۋەتەننى مەدھىيەلەيدىغان سەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن كېيىن، «چىپاۋ» كىيگەن مودىللار T شەكىللىك سۇپىدا زىلۋا بەدەن قىياپىتى بىلەن قولىدا يەلپۈگۈچ تۇتۇپ مېڭىپ، ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ كۆرۈنۈشلەردىن جۇڭخۇا كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە مودىللارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھى قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى خۇشال قىلسا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرغا قويغان «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارسىلىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك» دېگەن سۆزلىرى كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

  شىنجاڭ «چىپاۋ» مەدەنىيەت سارىيى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىپ، چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى «چىپاۋ» مودېل پائالىيىتى، تۈرلۈك «چىپاۋ» كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ ساھەدە شىنجاڭدا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. شۇنداقلا، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، ھەر مىللەت خانىم-قىزلارنىڭ «چىپاۋ»غا بولغان ياقتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈردى.

  جيا يالىڭ يەنە ئەتلەسنى «چىپاۋ» لايىھەسىگە كىرگۈزدى، ئۇ ئەتلەسنى «چىپاۋ»غا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە گۈزەل مەنزىرىسىنى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى «چىپاۋ»دا نامايان قىلىپ، شىنجاڭنى سىرتقا ھەم دۇنياغا تونۇتماقچى بولدى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، شىنجاڭ «چىپاۋ» مەدەنىيەت سارىيى ئاساسلىقى ئەتلەس «چىپاۋ»نى كۆپچىلىككە نامايان قىلدى. بۇ، شەرق پۇرىقىغا ئىگە «چىپاۋ» بىلەن رەڭگارەڭ مىللىي مەدەنىيەتكە ئىگە ئەتلەس «چىپاۋ»نىڭ كاتتا كۆرىكى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەنە جۇڭخۇا مىللىي مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرغان ۋە جۇڭخۇا مىللىي ئەنئەنىۋى ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلغان، ئۈرۈمچىدىكى ئۆزگىچە «چىپاۋ» كۆرىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ «چىپاۋ» مەدەنىيەت سارىيى بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئەتراپتىكى ھەر بىرەيلەننىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكىگە بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇپ، ئەتلەسنىڭ گۈزەللىكىنى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كىچىكىدە نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ ئوبزورچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى مەھمۇدجان سىدىق مۇنداق دېدى: بىر «چىپاۋ»دا مىڭ خىل ئۆرپ - ئادەت بار دېيىشكە بولىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «چىپاۋ» مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىم-كېچەك شەكلىنىڭ بىرى. بۈگۈن بۇ سەھنىدە «چىپاۋ» كىيگەن ھەر مىللەت ئاياللىرىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئاياللار گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بىر جەمئىيەت بولۇپ تەشكىللىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچىكىنى ئاساس قىلغان ئاساستا، باشقا مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىمۇ ئورگانىك ھالدا ئەپچىللىك بىلەن كىرشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكى، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى ناھايىتى يارقىن نامايان قىلغان. مەن ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا يېڭىچە ئىدىيە، يېڭىچە روھنى ھېس قىلىمەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، 19-قۇرۇلتايدا مەخسۇس ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى كۈچەيتىش ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش چاقىرىقى ئوتتۇرغا قويۇلغان پۇرسەتتە، جۇڭخۇا كىيىم-كېچەك مەدەنىيتىنى كۆتۈرۈپ چىقىشمۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلغانلىق، قوغدىغانلىق، تەرەققىي قىلدۇرغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ پائالىيەت مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چۈشۈنۈشنى، ئىتتىپاقلىقنى ھەم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…
    ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن دۆلىتىمىزگە يەتكۈزۈلىدىغان گاز مىقدارى 200 مىليارد كۇپمېتىرد…