باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بالا باققۇچى لىفىت ئىچىدە بالىنى خورلىغاچقا، جىڭجۇ ساقچىلىرى مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق كىشىنى قاماپ قۇيدى

2017.12.11 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، جېڭجۇ شەھىرى شەرق شامىلى يولى ساقچىخانىسى ھۆكۈمەت بىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: بالا باققۇچى لىفىت ئىچىدە بالىنى ئۇرغان بۇ دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق بولۇپ، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، 12- ئاينىڭ 5- كۈنى سائەت 18دە، شەرق شامىلى يولى ساقچىخانىسى ئاممىنىڭ مەلۇم قىلىشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، ئولتۇراق رايوندىكى لىفىت ئىچىدە بالا باققۇچى بالىسىنى ئۇردى، دەپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

  ئەھۋال مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، دېلوغا چېتىشلىق بولغان ئۇ بالا باققۇچى لى فامىلىلىك كىشىنى كونترول قىلغان، ھەمدە نازارەت قىلىش كامېراسىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يىغىپ ئالغان.

  دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر دېلودىكى لى فامىلىلىك بۇ گۇماندارنىڭ باشقىلارنى قەستەن ئۇرغانلىقىغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق بولغاچقا، ساقچى تەرەپ ئۇنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى. نۆۋەتتە، مەزكۇر دېلو تېخى بېجىرىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر