باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

لامنارىيە زەھەر قايتۇرۇشقا پايدىلىق، پىياز قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

تۆۋەندىكىدەك بەش خىل يېمەكلىك جىگەرگە ئەڭ پايدىلىق

2017.12.11 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى زەھەر تازىلىغۇچى ئەڭ چوڭ ئەزا بولۇپ، جىگەر ساغلام بولسا، كېكىرىش، قورساق كۈپۈش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساغلام جىگەرنىڭ قان شېكىرىنى تەڭشەشتەك مۇھىم رولى بار. تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل يېمەكلىك جىگەرگە ئەڭ پايدىلىق.

  1. كرېسىت گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار

  بۇ كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە تۈرلۈك ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇق ماددىلار، فلاۋونلۇق بىرىكمىلەر، كارتېنوئىد، سۇلفورافېن ۋە ئىندول بار بولۇپ، ئۇلار جىگەرنىڭ ھەر خىل خىمىيىلىك زەھەرلىك ماددىلارنى ۋە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى پارچىلىشىغا ئۇنۋېرسال ياردەم بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار كاللەك سەي، يېسىۋېلەك ۋە تۇرۇپ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  2. دېڭىز يۈسۈنلىرى

  خەيدەي، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى قاتارلىق تۈرىدىكىلەر جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇشىغا ياردەم قىلىپ، ئادەم بەدىنىنى كادمىي قاتارلىق زەھەرلىك ئېغىر مېتاللار ۋە باشقا مۇھىت توكسىنىنى قوبۇل قىلىشىدىن ساقلايدۇ. كانادا مەگىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، قوڭۇر يۈسۈن تەركىبىدىكى بىرىكمىلەر سۆڭەكنىڭ رادىئوئاكتىپ زەررىچىلەرنى سۈمۈرۈشىنى ئازايتىدىكەن.

  3. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى

  پۇرچاق ئۈندۈرمىسى تەركىبىدە ھەر خىل ئېنزىملار مول بولۇپ، ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىپ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  4. تەركىبىدە گۈڭگۈرت بىرىكمىسى مول بولغان يېمەكلىكلەر

  باشپىياز، سامساق، غولپىياز قاتارلىق تەركىبىدە گۈڭگۈرت بىرىكمىسى مول بولغان كۆكتاتلار، جىگەرنىڭ گلۇتاتىئون ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۈجەيرە ئىچىدىكى ئەركىن رادىكاللارنى نېتىراللاشتۇرۇپ، زەھەر ھەيدەپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  5. شىرنىلىك مېۋىلەر

  مالىنا، بۆلجۈرگەن قاتارلىق شىرنىلىك مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە سىئانىدىن، كۆپ فېنول قاتارلىق ئۆسۈملۈك خىمىيىلىك ماددىلار مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشتا كۈچلۈك دەرىجىدە ئۈنۈملۈك بولغان رولىغا ئىگە. بۇ خىل يېمەكلىكلەر جىگەرنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىشپ، ئادەم تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنى ئەركىن رادىكاللاردىن ۋە ئوكسىدلىنىش جىددىيلىشىش رېئاكسىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر