باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى

ئىمتىھان نەتىجىسى رەت تەرتىپىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ

2017.12.12 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى»نى بېسىپ تارقاتقان. «باشقۇرۇش ئۆلچىمى»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ يېقىن جايدا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئوقۇشقا كىرىش ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى ئالماسلىق؛ مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماسلىق؛ ئىمتىھان قېتىم سانىنى كونترول قىلىش، ئىمتىھان نەتىجىسى رەت تەرتىپىنى ئاشكارىلىماسلىق، نومۇرنى ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىۋالماسلىق لازىم.

  «باشقۇرۇش ئۆلچىمى» مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بارلىق مەكتەپلەرگە تەتبىقلىنىدۇ. «باشقۇرۇش ئۆلچىمى»: ئوقۇغۇچىلارنىڭ باراۋەر ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي جەھەتتە ئالغا بېسىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش؛ مائارىپ-ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئىناق، گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىش؛ زامانىۋى مەكتەپ تۈزۈمى قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق ئالتە چوڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، 22 تۈرلۈك باشقۇرۇش ۋەزىپىسى، 88 ماددىلىق كونكرېت مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «باشقۇرۇش ئۆلچىمى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ باراۋەر مەكتەپكە كىرىش ھوقۇقىنى قوغداش لازىم. شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ يېقىن جايدا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئوقۇشقا كىرىش ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى ئالماسلىق، ھەر خىل مۇسابىقە، ئىمتىھان دەرىجىسى، مۇكاپات- گۇۋاھنامىلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ياكى ئۆرلەپ ئوقۇشىنىڭ ئاساسى قىلىۋالماسلىق؛ مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماسلىق؛ نۇقتىلىق سىنىپ ۋە ئادەتتىكى سىنىپ دەپ ئايرىماسلىق لازىم. ئوقۇشتىن قېلىشنى كونترول قىلىپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى ئوقۇشتىن قېلىشنى كونترول قىلىپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش لازىم. كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلارنىڭ سىنىپتا ئوقۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئۆيىدە قالغان بالىلار ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش، مەكتەپ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇش، ئوزۇقلۇق ياخشىلاش ئېھتىياجىنى ئاۋۋال قاندۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر