باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېرۇسالېمدىكى رېئاللىق زادى قانداق؟

2017.12.11 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 6-دېكابىر ئېرۇسالېمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تېل-ئاۋىفتىن ئېرۇسالېمغا يۆتكەشنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تىرامپ شۇ كۈندىكى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا: بۇ قارار «رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلغانلىق» دېدى.

  ئۇنداقتا ئېرۇسالىمدىكى رېئاللىق زادى قانداق؟

  بىرىنچىدىن، ئېرۇسالېم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بۇ شەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئېرۇسالېم يەھۇدىي دىنى، خىرىستىيان دىنى ۋە ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ مۇقەددەس يېرى، ئۇزاقتىن بۇيان دىنى ئېتىقادچىلار سەجدە قىلىپ ۋە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ كەلگەن. شۇڭا، ئېرۇسالېم شۇ جايدىكى ئەرەبلەر ۋە يەھۇدىيلارنىڭ زېمىن ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېتىلىپلا قالماستىن، دۇنيادىكى خىرىستىيانلار، مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ دىنى ھېسسىياتى ۋە دىنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگىمۇ چېتىشلىق.

  ئېرۇسالېمنى تالىشىش 400 يىل بۇرۇن باشلانغان. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، ئېرۇسالىمنىڭ تەۋەلىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىكى يادرولۇق مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئىسرائىلىيە 1967-يىلى ئىيوردانىيەدىن شەرقىي ئېرۇسالېمنى تارتىۋالغاندىن كېيىن پۈتكۈل ئېرۇسالېمنى كونترول قىلدى، ئىسرائىلىيە پارلامېنتى 1980-يىلى قانۇن تۇرغۇزۇپ، ئېرۇسالېمنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەڭگۈلۈك، ئايرىلماس پايتەختى، دەپ جاكارلىدى. پەلەستىن شەرقىي ئېرۇسالېمنى پايتەخت قىلغان مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى ۋە چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

  ئوسلو تىنچلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئېرۇسالىمنىڭ ئورنى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاخىرقى ئورۇن سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئاساس قىلىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاخىرىدا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېرۇسالېمنى پايتەخت دەپ جاكارلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ باقمىغان. مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر باش ئەلچىخانىلىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى تېلئاۋىفقا تەسىس قىلغان، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ باش ئەلچىخانىسىمۇ شۇ يەردە.

  شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئېرۇسالىمنىڭ تەۋەلىكى ناھايىتى مۇرەككەپ تارىخ ۋە دىن مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئېرۇسالېم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، بۇ يەرنىڭ تارىخى مەنبەيى ۋە رېئال ئەھۋالىنى ئويلاشماسلىق ناھايىتى بىھۇدە ئۇرۇنۇش.

  ئىككىنچىدىن، ئېرۇسالېم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى زور داۋالغۇشتىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا پېتىپ قالدى، پەلەستىن مەسىلىسى گەرچە ئوتتۇرا شەرقتىكى يادرولۇق مەسىلە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «چەتلىشىپ» كەتكەن. بەلكى بۇ ئامېرىكىنىڭ ئېرۇسالېمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ جاكارلىشىنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئەرەب ئەللىرى بۇنىڭغا قارشى تۇرغان تەقدىردىمۇ، كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرەلمەيدۇ ۋە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالمايدۇ. ھالبۇكى بۇ جەزمەن ئەرەب ئەللىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ، تېررورچىلار ۋە ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا يېڭى زوراۋانلىق باھانىسى تېپىپ بېرىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، ئېرۇسالېم مەسىلىسىنى ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ ھەل قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە، خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە ھەل قىلىشى كېرەك. نۆۋەتتە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشتى، پەلەستىننىڭ نارازىلىقى كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا، ۋەزىيەت ئەسلىدىنلا جىددىي بولۇۋاتقاندا ئامېرىكىنىڭ ئېرۇسالېمدىن ئىبارەت مۇشۇنداق نازۇك مەسىلىگە تېگىشى-پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىنى چېكىندۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

  ئۇزۇندىن بۇيان ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، توقۇنۇش ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ يامراپ كېتىشى ئوتتۇرا شەرقنى ئازابقا دۇچار قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئارىلىشىش سىياسىتى ئىسرائىلىيەگە يان بېسىش مەيدانى ئوتتۇرا شەرقتىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتتى. تىرامپ ئېرۇسالىمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، رايون زىددىيىتىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنى ئۇلغايتىۋەتتى، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزدى. ئامېرىكا بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلىمەي قالمايدۇ.

  تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تەكرار ئىسپاتلايدۇكى، ئېرۇسالىمنىڭ ئارىچىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ، بۇنى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ھەل قىلىشىغا قالدۇرۇش پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنى قوغداشتىكى ئاقىلانە تەدبىر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر