- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پۇتىن: كېيىنكى نۆۋەتلىك ئالتە يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2017.12.11 16:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 6-دېكابىر ۋولگا دەرياسى بويىغا جايلاشقان تۆۋەنكى نوۋگورود شەھىرىدە، كېلەر يىلى 3-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ كېيىنكى نۆۋەتلىك ئالتە يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە پۇتىن ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە نەتىجە تىزىملىكىنى تاپشۇردى، ئىقتىساد ئەھۋالىنى ياخشىلىدى ۋە سۇرىيەنىڭ ئىشلىرىغا كۈچلۈك ئارىلىشىپ، يارقىن نۇقتا ھاسىل قىلدى. ئەگەر غەلىبە قىلىپ، ئۇدا زۇڭتۇڭ بولسا، پۇتىن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، غەربنىڭ تېخنىكىسى ۋە مەبلىغىنى قوبۇل قىلىدۇ.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇسىيە ياۋروپا-ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى دىپلوماتىيە نەتىجىسى ئاساسلىقى مۇنداق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ:
بىرىنچى، ئاسىيا. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىدۇ؛ ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىدۇ، كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يەنىمۇ راۋاجلىنىدۇ. رۇسىيە يەنە ھىندىستان، ۋىيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇرىدۇ.
ئىككىنچى، ئوتتۇرا شەرق. رۇسىيە سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا كۈچلۈك ئارىلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىران ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ، ھەم «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»تا نەتىجىگە ئېرىشىدۇ، بۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىلىق، شۇنداقلا رۇسىيە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ كۆپ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.
2014- يىلىدىن بۇيان، غەربنىڭ جازاسى ۋە خەلقئارا خام نېفىت باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشىنىڭ تەسىرىدە، رۇسىيە ئىقتىسادى غايەت زور تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلدى. بىراق، رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ بۇ يىل 1 -ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %1.8 ئېشىپ ھازىرغا قەدەر ئۇدا تۆت پەسىل ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسىلدە، چەت ئەللەرنىڭ رۇسىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىن باشقا ساھەلەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى 23 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.5 ھەسسە ئاشقان؛ ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىش ھەققى %2.5 ئاشقان. رۇسىيەنىڭ 2016-يىللىق يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك ئېكسپورت سوممىسى %5 كە يېقىن ئېشىپ، قورال ئېكسپورت سوممىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇندىن باشقا، رەقەملىك ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېڭى سودا ئەندىزىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى رۇسىيە كارخانىلىرىنى تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ كۆپ خىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لى يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە ئىقتىسادى تەرەققىياتتا يەنىلا مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادى، ئېلېكتىرونلۇق سودا يەنىمۇ تەرەققىي قىلدى.
پۇتىن تۆۋەن نوۋگورود گوركىي ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا رىقابەتكە قاتنىشىپ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەت ئەللىك پىروفېسسورى، جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ شاۋۋېي بۇ ھەقتە بۇنىڭغا «چوڭقۇر مەنە يوشۇرۇنغان» دەپ قارىدى.
ۋاڭ شاۋۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گوركىي ئاپتوموبىل زاۋۇتى قۇرۇلغىنىغا 90 يىل بۇلاي دەپ قالدى، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. پۇتىن بۇ يەردە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەتىجىلىرىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشقا بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ خەلقپەرۋەرلىك ئۇسلۇبىنى نامايان قىلدى.
رۇسىيەدىكى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى بولغان«جامائەت پىكرى» فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %81 خەلق پۇتىننىڭ نەتىجىلىرىدىن رازى ئىكەن؛ %80 ئامما پۇتىنغا ئىشىنىدىكەن؛ % 68 ئامما سايلامدا پۇتىنغا بېلەت تاشلايدىكەن.
لى يۇڭخۇي مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر پۇتىن ئۇدا زۇڭتۇڭ بولسا رۇسىيە ئاسىيانى دىپلوماتىيەسىدە داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇندىن باشقا، رۇسىيە غەربنىڭ تېخنىكىسى ۋە مەبلىغىنى جەلپ قىلىش، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىنىڭ زەربىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئامال قىلىپ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدۇ.
لى يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ «رۇسىيە بىلەن ئۇچرىشىش» تەكشۈرۈشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېچىتىلىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى قايتا جازالىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش بەلكىم يەنىلا تەس بولىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر پۇتىن غەلىبە قىلسا، رۇسىيە نەزىرىنى ھەرقايسى ساھەلەردىكى تېخنىكا تەرەققىياتىغا قارىتىدۇ. پۇتىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «رەقەملىك ئىقتىساد» ئۇقۇمىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. ئەگەر پۇتىن يەنە زۇڭتۇڭ بولسا بەلكىم رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىقتىسادنى قايتا بەرپا قىلىپ، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.
لى يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: پۇتىن سىياسىي مۇقىملىق مەسىلىسىنى ئويلىنىشقا، تېخىمۇ ياش، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۆمىكىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈشكە موھتاج.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر