باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 57- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

2017.12.11 16:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 57- قېتىملىق دائىمىي يىغىنى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى ئېچىلدى، يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ساھەنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «<ساغلام شىنجاڭ 2030> يىرىك پىلان پىروگراممىسى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ <13- بەش يىللىق> ئالىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش پىلانى» مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ساھەنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھوقۇقتا، پۇرسەتتە، قائىدىدە باراۋەر بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى پائال يارىتىپ، ئىجتىمائىي ساھەنىڭ مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ساغلاملىق ساھەسىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، ساغلاملىق سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «13- بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىشتا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆلەم بىلەن سۈپەت، ساقلانما مىقدار بىلەن ئاشۇرۇلما مىقدار، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، بايلىقلارنىڭ تەقسىملىنىشىنى ياخشىلاپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورنىنى مۇۋاپىق بېكىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئۆزگىچىلىك يارىتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە زامانىۋى ئالىي مائارىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر