باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا سۇرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.12.12 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئېرىك پاھون 5-دېكابىر، ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيەدە داۋاملىق تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  پاھون تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە ياردەم بېرىش، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز يەر يۈزىدىكى زۆرۈر بولغان ئورۇنلاشتۇرما ھالىتىنى ساقلايمىز.»ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەر چېكىندۈرىدىغان ۋاقتىنى بېكىتمەيدۇ، بەلكى سۇرىيەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەڭشەيدۇ.»

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيەدە 2000دەك خادىمى بار بولۇپ، «شام ئىسلام دۆلىتى»نى قارشى باشقا ئەرەب قوراللىق كۈچلىرىنى ۋە كۇردلارنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا مەسلىھەتچى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

  سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى 2011-يىلى پارتلىغان، «شام ئىسلام دۆلىتى» بىر مەزگىل سۇرىيەدىكى كۆپ جاينى كونترول قىلغان، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى 2014-يىلى يىل ئاخىرىدا ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»گە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان.

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ئۈچۈن باشقا قوراللىق كۈچلەرگە ياردەم بېرىشى ئۇنىڭ بەزى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان

  پاھون ئېيتقىنىدەك، ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، بۇندىن كېيىن داۋاملىق ياردەم بېرىدىغان «سۇرىيە دېموكراتىك ئارمىيەسى»نى مىسالغا ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا تەرەپ «شام ئىسلام دۆلىتى»گە يەر يۈزىدىن زەربە بېرىشتە بۇ كۇرد قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ كۇرد قوشۇنى دەل تۈركىيە تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قارىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر