باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: تولۇقسىز ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تاپشۇرۇق مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق جازالىشىغا بولمايدۇ

2017.12.12 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى» بېسىپ تارقىتىپ، ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىدىن ھالقىغان تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تاپشۇرۇق مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق جازالىماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

  ئىگىلىنىشچە، «باشقۇرۇش ئۆلچىمى» پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە تەتبىقلىنىدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باراۋەر ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى كەسىپتە ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە تۈرلۈك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، 22 تۈرلۈك باشقۇرۇش ۋەزىپىسى، 88 تۈرلۈك كونكرېت مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  «باشقۇرۇش ئۆلچىمى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى كەسىپ جەھەتتە ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقۇرۇش ۋە كەسىپ ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىش، مەسخىرە قىلماسلىق، زىتىگە تەگمەسلىك، كەمسىتمەسلىك، تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىك، ئوقۇغۇچى ياكى ئاتا-ئانىلارنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلماسلىق، ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلىماسلىقنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر