خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-دېكابىر يان تېلېفوندا تارتىلغان بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا نيۇ يوركتا كىشىلەر پارتلاش يۈز بەرگەن جاي ئەتراپىغا يىغىلىپ تۇرماقتا.
ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرى مانخاتتان ئوتتۇرا رايونىدا 11-كۈنى پارتلاش يۈز بېرىپ، تۆت ئادەم يارىلاندى.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتلاش ئەتىگەنلىك قاتناش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، 42-كوچىنىڭ سەككىزىنچى چوڭ يولىدىكى نيۇ يورك پورت ئىشلىرى ئىدارىسى ئاپتوبۇس باش بېكىتىدە يۈز بەرگەن، نيۇ يورك دەۋر مەيدانى بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭ تەسىرىدە، بىر نەچچە مېترو ۋە ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى قاتناشنى توختاتقان.
نۆۋەتتە، پارتلاش يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
مەلۇم خەۋەردە دېيىلىشىچە، قولدا ياسالغان بومبا پارتلىتىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
نيۇ يورك ساقچى ئىدارىسى ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا، بىر ئەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى