باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇغا ناھىيەسى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى

2017.12.12 15:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يوپۇغا ناھىيەسى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەربىيەسىدە «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە دائىر 100 سوئال- جاۋاب» ئوقۇشلۇقى ئارقىلىق ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى بايان ۋە ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

   يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە دائىر 100 سوئال- جاۋاب» ئوقۇشلۇقىدىن مەخسۇس زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيەت- سەنئەت شەكلىدە سوئال- جاۋابلىق ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقى ئومۇميۈزلۈك ئەۋج ئالدى.

   ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاخۇنلۇقۇم يېزىسى قالغاچ كەنتىدە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت كومىتېتى بىرلىكتە 12- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش پائالىيىتىدىن كېيىن تەشكىللىگەن 100 سوئال- جاۋاب» تىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدە دېھقانلار «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى قاچان، قەيەردە ئېچىلدى؟»، «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى نېمە؟» دېگەن سوئاللارغا بەس- بەستە قول كۆتۈرۈپ، توغرا، ئەتراپلىق جاۋاب بېرىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تۈرلۈك ئۇسۇللاردا ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى. ھازىر، بۇ ناھىيەدىكى كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار، دېھقانلار، دىنىي زاتلار، تىجارەتچىلەر ئارىسىدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆگىنىش ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى نامايان قىلىش قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ھازىرغا قەدەر ناھىيە بويىچە 100 مەيدان(قېتىم) دىن ئارتۇق زېھىن سىناش شەكلىدىكى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، بۇ ئارقىلىق ناھىيەدە قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش مەزمۇنى بېيىتىلدى.

   بۇ ناھىيەنىڭ ئاخۇنلۇقۇم يېزىسى يىپتۇردىقۇم كەنتى ۋە قالغاچ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ باش يېتەكچىسى جاۋ جۈنپىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھەم پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى، دېھقانلار كەچلىك كۇرسى، ئائىلە زىيارىتى ۋە «ئۈچتە بىللە بولۇش» پائالىيىتىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئاممىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا ئائىت تۈرلۈك ئوقۇشلۇقلار بىلەن تەمىنلەپ، قۇرۇلتاي روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش، ھەممە كىشىنى قۇرۇلتاي روھىدىن خەۋەردار قىلىشنى چىڭ تۇتتۇق. شۇڭا دېھقانلار ئارىسىدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا ئائىت ھەر خىل گېزىت ۋە «100 سوئال- جاۋاب» قاتارلىق ئوقۇشلۇقلارنى يېنىدىن ئايرىماي ئۆگىنىدىغان ۋە ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش نەتىجىسىنى ھەرخىل ئۇسۇللاردا نامايان قىلىدىغان قىزغىن كەيپىيات ئەۋج ئالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر