- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خوككايدودا بىر ساياھەت ئاپتوبۇسى ۋەقەگە ئۇچراپ، جۇڭگولۇق نۇرغۇن ساياھەتچى يارىلاندى
2017.12.13 14:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ساپپورودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ 11-دېكابىر ئىسپاتلىشىچە، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان بىر ساياھەت ئاپتوبۇسى شۇ كۈنى كەچتە ياپونىيەنىڭ خوككايدودىكى خاكوداتى شەھىرىدە بىر ئاسما كۆۋرۈككە سوقۇلۇپ، كۆپلىگەن جۇڭگو پۇقراسى يارىلانغان.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساپپورودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دەرھال ياپونىيە ساقچى تەرەپ ۋە ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ساياھەت ئاپتوبۇسىدا جۇڭگولۇق 26 ساياھەتچى بارلىقىنى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ھازىر مېھمانخانىغا قايتىپ ئارام ئالغانلىقىنى ئىگىلىگەن. يارىدارلارنىڭ يارىسى يېنىك بولۇپ، ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى كۈن تەرتىپىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر