سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى يىراق ئوكيان مەشىقى ئېلىپ بارماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن جىنكې 12-دېكابىر، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى 11-دېكابىر رەسمىيەتلىك، دائىملىق، سىستېمىلىق يىراق ئوكيان مەشىقىنى قانات يايدۇردى، بىر قانچە بومباردىمانچى ئايروپىلان، رازۋېدكا ئايروپىلانلىرى «ئارالنى ئايلىنىپ چارلاپ»، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
ھاۋا ئارمىيەسى 11-دېكابىر سىستېمىلاشقان يىراق ئوكيان مەشىقىنى قانات يايدۇرۇپ، 6K __ بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان، سۇ __ 30، قىرغۇچى __ 11 بەلگىلىك ئايروپىلانلار ۋە رازۋېدكا ئايروپىلانى، ئالدىن سىگنال بېرىش ئايروپىلانى، ماي قاچىلىغۇچى ئايروپىلان قاتارلىق كۆپ تىپلىق، كۆپ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى چىقاردى. 6K __ بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان قاتارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سەپ تۈزۈپ، مىياكو دېڭىز بوغۇزى، باشى دېڭىز بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، «ئارالنى ئايلىنىپ چارلاش» قاتارلىق مەشىقلەرنى يولغا قويۇپ، يىراق ئوكيان ھەرىكەتچانلىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يىراق ئوكيان ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى سىنىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى