- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جەنۇبىي سۇداندىكى قەبىلىلەر توقۇنۇشىدا 172 كىشى قازا قىلدى
2017.12.13 15:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جەنۇبى سۇدان ئەمەلدارى 12- دېكابىر مۇنداق دېدى: بۇ دۆلەتنىڭ غەربى كۆل ئىشتاتىدا يېقىندا يۈز بەرگەن قەبىلىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توقۇنۇشتا 172 كىشى قازا قىلدى، 213 كىشى يارىلاندى.
جەنۇبىي سۇداندىكى ئەڭ چوڭ قەبىلە بولغان دىنكا مىللىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىككى قەبىلە ئوتتۇرىسىدا 6- دېكابىر كەچتە زېمىن تالىشىپ توقۇنۇش پارتىلىدى، توقۇنۇش يۈز بەرگەن جاي غەربىي كۆل ئىشتاتىنىڭ مەركىزى رومبېكغا تەخمىنەن 80 كىلومېتىر كېلىدۇ. غەربىي كۆل ئىشتاتى لونبېك شەرقىي رايون پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى تاينى 12- دېكابىر تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ئېغىر يارىلانغانلارنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قازا قىلىدىغانلارنىڭ سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ جەنۇبى سۇدان ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي سۇداندا تۇرۇشقا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى مۇنداق دېدى: ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى نۆۋەتتە توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايوندا يوللارنى تازىلاشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توقۇنۇشقا ئىككى تەرەپ بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، ئۇلارنىڭ ئاداۋەتنى تۈگىتىشىگە ياردەم بەرمەكتە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر