خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، شۇ جايدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى گوللاندىيەنىڭ گائاگادىكى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى. 12-ئاينىڭ 13- كۈنى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا تۆتىنچى قېتىملىق نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرى يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، قازا قىلغانلارنى ياد ئىتىپ، تىنچلىققا تەلپۈندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى