باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىل ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم ئۆسۈم قوشتى

2017.12.14 16:09   مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىل ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم ئۆسۈم قوشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېللىن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 13-دېكابىر بايانات ئىلان قىلىپ، فېدېراتسىيە فوندىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 نۇقتا يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى، بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈچىنچى قېتىم ئۆسۈم قوشۇشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 13-دېكابىر، فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ نىشان ئارىلىقىنى 25 نۇقتا كۆتۈرۈپ، %1.25تىن %1.5لىك سەۋىيەگە تەڭشىگەنلىكىنى، بۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈچىنچى قېتىم ئۆسۈم قوشۇشى بولۇپ، بازارنىڭ ئالدىن پەرىزىگە ماس كىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى شۇ كۈنى پۇل سىياسىتى قەرەللىك يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، 11-ئايدىن بۇيانقى ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرى داۋاملىق كۈچلۈك بولۇپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلىدى؛ ئائىلە ئىستېمالى مۆتىدىل ئاشتى، كارخانىلارنىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشى يېقىنقى بىر قانچە پەسىلدە سەل ئاشتى. لېكىن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ پۈتكۈل پۇل پاخاللىقىدا گەۋدىلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ %2لىك نىشانىدىن تۆۋەن بولدى، دېدى.

  ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 2015-يىلى 12-ئايدا 2008- يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇشى بولۇپ، ئاستىلاپ قالغان پۇل سىياسىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 2016-يىلى 12- ئايدا، بۇ يىل 3-ئايدا ۋە 6-ئايدا ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشۇپ، بۇ يىل 10-ئايدا مۈلۈك قەرز جەدۋىلىنى قىسقارتىشنى باشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…