باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى

2017.12.13 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، مەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى بارلىق يولداشلار، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى دۆلىتىمىزدىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە يېزا ئىگىلىك ئىلمىي ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، ئۇ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ باشتىن كەچۈرگۈچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

  ھازىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىختىساسلىقلىرىغا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي جەڭگاھىغا يۈزلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئويناپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2017-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى بارلىق يولداشلارغا، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى دۆلىتىمىزدىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە يېزا ئىگىلىك ئىلمىي ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ باشتىن كەچۈرگۈچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىختىساسلىقلىرىغا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي جەڭگاھىغا يۈزلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئويناپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر