- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
100 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈيىنى ئىچمەكتە
2017.12.13 15:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش چوڭ قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشىدا سۇ ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان، سۇ قوبۇل قىلغان رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جىددىي ئېھتىياجنى قامداش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە زەينى چىقىرىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئېكولوگىيەلىك جەھەتلەر بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈملەر ھەقىقىي تۈردە قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەمدە مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا لىنىيەسىدىكى رايونلاردا نەپكە ئېرىشكەنلەر 100 مىليوندىن ئاشتى.
بۇ، مۇخبىرنىڭ 12- چېسلا گوۋۇيۈەن جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى كومىتېتى ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرى.
گوۋۇيۈەن جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئىشخانىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى گېڭ ليۇچېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەرقىي ۋە ئوتتۇرا لىنىيەدىكى 1- قارارلىق قۇرۇلۇشتا سۇ باشلانغاندىن كېيىن، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق سۇ يەتكۈزۈلگەن رايونلار بېيجىڭ ۋە تيەنجىندىن ئىبارەت ئىككى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن باشقا، يەنە خېبېي، خېنەن، سەندوڭ ۋە جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك 33 شەھەرنىمۇ قاپلىدى. بۇنىڭ بىلەن، سۇ يەتكۈزۈلگەن رايونلار ئۈچۈن يېڭى سۇ مەنبەسى ئېچىپ بېرىلىپ، شۇ شەھەرلەرنى سانائەت سۈيى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي لىنىيەدىكى 1- قارارلىق قۇرۇلۇشتا سۇ يەتكۈزۈش غول لىنىيەسىنىڭ سۇ سۈپىتى مۇقىم بولماقتا، ھەمدە يەر ئۈستى سۈيىمۇ 3- خىل ئۆلچەمگە يەتكەن ھالەتتە بولماقتا. ئوتتۇرا لىنىيەنىڭ سۇ سۈپىتىمۇ مۇقىم بولۇپ، پۈتكۈل لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر