خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-دېكابىر كەچتە، CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 15-ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا سەنشى كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن، ئاخىرىدا 116 قارشى 114 نومۇر بىلەن ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇنىڭلىق بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان ئۇتتۇرغان مۇسابىقە سانى ئالتە مەيدانغا يەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى