باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىن برىسبانغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قاتناش باشلىدى

2017.12.13 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 11- كۈنى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنڭ بېيجىڭدىن برىسبانغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئاۋسترالىيەنىڭ كىۋېنسلاند ئىشتاتىدىكى برىسبان ئايرودۇرۇمىغا قوندى. بۇنىڭ بىلەن ئەمدى جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ جۇڭگودىن بىۋاسىتە ئاۋسترالىيەگە ئۇچىدىغان ئالتە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھەر ھەپتىدە 40 نەچچە نۆۋەتچى ئايروپىلانى جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە ئارىسىدا قاتنايدۇ.

  جۇڭگو ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇ شۈلۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭدىن برىسبانغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ تۇنجى بولۇپ كىۋېنسلاند ئىشتاتىغا قەرەللىك ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھېسابلىنىدۇ. 2017- يىلى جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ساياھەت يىلى بولۇپ، بۇنىڭدا جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىن برىسبانگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كەلگۈسى تۆت يىل ئىچىدە كىۋېنسلاند ئىشتاتى ئۈچۈن 170 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى توشۇيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى جاينىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئىستىراھەت قىلىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان ۋە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زور قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىلى، جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ئارا قوش يۆنىلىشلىك سەپەر قىلغۇچى خادىملارنىڭ بېرىپ-كېلىشى ئىككى مىليون ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن. 2016- يىلىدىن 2017- مالىيە يىلىغىچە، خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئىستېمال قىلىش ئومۇمىي سوممىسى 40 مىليارد 600 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرىغا يەتكەن، ئارىلىقتا، «جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ساياھەت يىلى» مەزگىلىدە، بىر مىليون 200مىڭ جۇڭگولۇق ساياھەتچى ئاۋسترالىيەدە ساياھەتتە بولغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاۋسترالىيەدە ئىستېمال قىلىش سوممىسى توققۇز مىليارد 800 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرىغا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر