باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاڭ ۋەنچۈەن ئىراننىڭ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

2017.12.13 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن 12- چېسلا 1- ئاۋغۇست بىناسىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئىران قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقى نېزالمىپۇر بىلەن كۆرۈشتى.

  چاڭ ۋەنچۈەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىپ كەلدى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىقتىساد-سودا ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا، جۇڭگو بىلەن ئىران ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو ئىران بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئارا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ـ ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  نېزالمىپۇر مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر