باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بازار ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك، دېدى

2017.12.13 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جياڭ چاۋلياڭ، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ شياۋدۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋۇخەننى كۆزدىن كەچۈردى ۋە مەملىكەت بويىچە ئەركىن سودا سىناق رايونى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، بازار ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەلنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ خۇبېي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ۋۇخەن تارماق رايونى مەمۇرىيەت مەركىزىگە بېرىپ، بۇ يەرنىڭ كارخانا، ئامما ئىش بېجىرگەندىكى «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، بىر قېتىمدا بېجىرىش» ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. APP يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق سودا-سانائەت، باج، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق ئىشلارنى يان تېلېفوندىلا بېجىرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەتراپتىكى ئاممىدىن بۇ يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرگەن-چۈشۈرمىگەنلىكى، ئىش بېجىرىشنىڭ قولايلىق بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىدى. ئۇ خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق تاپىلىدى: ئۆزىنى ئىش بېجىرگىلى كەلگەن كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشى بويىچە ئويلاپ، ئىش بېجىرىشتىكى قىيىن نۇقتا، توسالغۇلارنى زور كۈچ بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ياخشى سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر