باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.12.14 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 12-ئاينىڭ 13-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مەركەز كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە ئېشىشىدىكى تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى يەنىمۇ يۆلەش ۋە يېتىشتۈرۈش تەدبىرى بېكىتىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بېكىتىلدى؛ مەملىكەت بويىچە 3-قېتىملىق يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى .

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكار بولدى، نازارەتچىلىك كومىتېتى مەبلەغ چىقارغۇچىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىگىلەپ، كارخانىلارغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش، قايتا تەشكىللەپ بىرلەشتۈرۈش، باشقۇرۇش قاتلىمىنى ئىخچاملاش جەھەتلەردە پائال ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى زور مىقداردا ئېشىپ، مەركەز كارخانىلىرى پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى. لېكىن بىر قىسىم دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىچكى كونترول مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق، قىسمەن تىجارەت مەبلەغ سېلىش تۈرىنىڭ خەۋپى چوڭ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا. كېيىنكى قەدەمدە، بىرىنچى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىش كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكى ئېلان قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى تەپسىلىي تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك. نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ نازارەت قىلىش تىزىملىكىنى بېكىتىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئايلىنىشى، چېگرا سىرتىدىكى مال-مۈلۈكلەرنىڭ تۈرى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىدىغان شىركەت قانۇنىي ئىگىسى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ۋە جانلىق، ئۈنۈملۈك بولغان بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش-ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت بىرىنچى، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خىللاپ تەشكىللەش ئارقىلىق دۆلەت كاپىتالىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى ۋە دۆلەت ئىقتىسادى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ ۋە ساھە، نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە مايىللىشىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پاي تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپىتاللارنى كىرگۈزۈپ پاي ھوقۇقىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسلىق كەسپى كەسكىن رىقابەتكە تولغان كەسىپ ۋە ساھەلەرنىڭ سودا تۈرىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىدا ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش، «مۇردا كارخانا»لارنى تازىلاشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پىشاڭنى تۈگىتىش، قەرزنى كېمەيتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئۈنۈمىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر