باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شيېچېڭ ئەجدات-ئەۋلات يەسلىسىدە يۈز بەرگەن خورلاش دېلوسىغا چېتىشلىق بەش نەپەر جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى

2017.12.14 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- چېسلا، شاڭخەي شەھىرى چاڭنىڭ رايونىدىكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شيېچېڭ ئەجدات-ئەۋلات يەسلىسى خىزمەتچىلىرىدىن جېڭ فامىلىلىك، ۋۇ فامىلىلىك، جۇ فامىلىلىك، تاڭ فامىلىلىك ۋە شېن فامىلىلىك قاتارلىق بەش نەپەر خىزمەتچىنى مەزكۇر يەسلىدە بېقىلىدىغان بالىلارنى خورلىغان جىنايەتكە چېتىشلىق گۇماندارلار، دېگەن جىنايەت نامى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.

  8-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي شيېچېڭ سودا چەكلىك شىركىتى چاڭنىڭدىكى ساقچى تەرەپكە ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، شېچېڭ ئەجدات-ئەۋلات يەسلىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ يەسلىدىكى بالىلارنى خورلىغان قىلمىشىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، مەزكۇر ۋەقەگە چېتىشلىق خىزمەتچى خادىملار مەزكۇر يەسلىدە بېقىلىدىغان بالىلارنى خورلىغان جىنايەتكە چېتىشلىق گۇماندارلار، دېگەن جىنايەت بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇشقا قويۇلدى. چاڭنىڭ رايونى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر دېلونى دەرھال تەكشۈرۈشكە ئالدىراپ، دېلوغا ئالدىن ئارىلىشىپ، مەزكۇر تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر زىيانكەشلىككە ئۇچىراشتەك جىنايى ئىشلارغا مەسئۇل تەپتىش تارمىقىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى دەرھال ئەۋەتىپ، ج خ خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىگەللىشىگە يېتەكچى بولدى، ھەمدە شۇ ئارقىلىق قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر