خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 21دە، دۆلەتلىك سەنئەت فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، شىنجاڭدا ئىجاد قىلىنغان ئۇسۇللۇق تىياتىر «ئەتلەس رىۋايىتى» شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى.
جىمجىت يېزىدا، قەدىمكى بىر ئېگىرىش ماشىنىسى شىر-شىر قىلىپ ئەتلەس توقۇۋاتاتتى... بۇ گۈزەل كۆرۈنۈش ئىچىدە، ئۈچ ئاچا-سىڭىلنىڭ ئەتلەس رەڭگىنىڭ ئىزىغا چۈشۈش ھېكايىسى باشلىنىدۇ.
باش پېرسوناژنىڭ ئانىسى بالدۇر ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى زېرىكىشلىك ۋە مەنىسىز ئىدى. رەڭدار يىپەك ياغلىق كەپسىز ئىككى سىڭلىسى تەرىپىدىن يىرتىۋېتىلىدۇ، دادىسى قايغۇرىدۇ ۋە ھەسرەتكە چۆكىدۇ. بۇ ۋەقەلىك باش پېرسوناژنىڭ ئانىسىنىڭ چۈشىگە كىرىدۇ. دادىسىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئۆكۈنگەن قىزلار رەڭدار ئەتلەسنىڭ ئىزىغا چۈشىدىغان مۇشەققەتلىك سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. بۇ يولدا ئۇلار تۇغقاندارچىلىق، دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ھېس قىلىدۇ، بۇ خىل ھېسىيات بىلەن ئۇلار ئاخىرى نۇرلۇق، رەڭدار ۋە ھاياتىي كۈچ ئەكس ئەتكەن ئەتلەسنى توقۇپ چىقىدۇ.
ئەتلەس ماكانى __ شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدىكى ئەنئەنىۋى ئەتلەس قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ 5-ئەۋلاد ۋارىسى ئۆمەر ئەلى بوۋايمۇ بۇ ئوپېرانىڭ ئورۇندىلىشىغا قاتناشتى. ئۇسۇللۇق تىياتىرنى كۆرگىلى كەلگەن ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تىياتىرخانىدا بوش ئورۇن قالمىغانىدى. تىياتىر ئاياغلاشقاندا، مەيداندا قىزغىن ئالقىشلار ياڭرىدى. بۇ مەيدان تىياتىر تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ۋە يۇقىرى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنىدى.
شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى ئىجادىيەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېھراي ئىبراھىم مۇنداق دېدى: بۇ ئۇسۇللۇق تىياتىر يېقىنقى 30 نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى تۇنجى ئىجادىي ئۇسۇللۇق تىياتىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تىياتىرنىڭ ھېكايە ۋەقەلىكىدىن تارتىپ سەھنە ھەرىكەتلىرىگىچە ھەممسىنى شىنجاڭلىق ئىجادكارلار ئىجاد قىلىپ ئىشلىگەن. بۇ تىياتىرنى ياخشى ئويناش ئۈچۈن، ئارتىسلار ناھايىتى كۆپ كۈچ چىقاردى، كۆپ چاغلاردا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن يېرىم كېچە سائەت 3 كىچە مەشىق قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى