باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 16-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 117 دە 111 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ بېيكوڭ كوماندىسىنى يەڭدى

2017.12.15 15:38   مەنبە: خەلق تورى

CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 16-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 117 دە 111 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ بېيكوڭ كوماندىسىنى يەڭدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-دېكابىر، CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 16–ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 117 دە 111 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ بېيكوڭ كوماندىسىنى يەڭدى.

  پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئادامس 41 نومۇر ئېلىش، گاردىن قايتقان يەتتە توپنى تۇتۇش، 10 پاس بېرىشتەك نەتىجىگە؛ يۈ چاڭدۇڭ 26 نومۇر ئېلىش، گاردىن قايتقان سەككىز توپنى تۇتۇشتەك نەتىجىگە؛ سۈن توڭلىن 19 نومۇر ئېلىش، گاردىن قايتقان توققۇز توپنى تۇتۇش، ئۈچ توپنى تالىشىپ قولغا كەلتۈرۈشتەك نەتىجىگە ئېرىشتى. بېيجىڭ بېيكوڭ كوماندىسىدىن راندولف 40 نومۇر ئېلىش، گاردىن قايتقان 13 توپنى تۇتۇش؛ شۈ مېڭجۈن 21 نومۇر ئېلىش، ئابباس 15 نومۇر ئېلىش، گاردىن قايتقان 10 توپنى تۇتۇش، مابۇلى 15 نومۇر ئېلىشتەك نەتىجە ياراتتى.

  مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تىرېنېرى ئىگور مىگېلنىك مۇنداق دېدى: بېيكوڭ كوماندىسى كۈچلۈك بىر كوماندا، ئۇلار ئالدىدا كۆپلىگەن كۈچلۈك كوماندىلارنى يەڭگەن. بۈگۈن بىزگە بولغان بېسىم چوڭ بولسىمۇ، بىراق ئەزالىرىمىز ياخشى ئىپادىسىنى كۆرسەتتى. مەيداندا ماھىرلىرىمىز ناھايىتى باتۇرانە مۇسابىقىلەشتى، مەستانىلىرىمىزمۇ بىزنى ناھايىتى ياخشى قوللاپ بەردى. كېلەركى مەيداندا لى گېن «قەپەس»تىن چىقىدۇ، بىزنىڭ سەپ شەكلىمىزمۇ تولۇق ھالىتىگە قايتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىمىزگە دىققەت قىلىشىنى سورايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…