باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى

يۈ جېڭشېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2017.12.14 16:37   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن نەنجىڭدا، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسى سادىر قىلغان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. خاتىرە سارىيىنىڭ يىغىلىش مەيدانى جىددىي ھەم سۈرلۈك تۈس ئالغان بولۇپ، دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلگەنىدى. مەيداننىڭ غەربىدىكى قارامتۇل كۈلرەڭ غايەت زور «كۈلپەت تېمى»دا «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى» دېگەن ئاق رەڭلىك خەت كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. ھەر ساھەدىن كەلگەن ئون مىڭغا يېقىن ۋەكىل مەيدىسىگە ئاق گۈل تاقاپ، سۈكۈتتە تۇردى.

  سائەت 9دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مۇراسىم نەق مەيدانىغا كېلىپ، ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن تۈزۈلگەن چاسا سەپنىڭ ئالدىدا تۇردى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۈچ خىل ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلىنىڭ 18 ئەسكىرى مۈرىسىگە مىلتىق ئېلىپ تەكشى قەدەم بىلەن دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش سۇپىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھۆرمەت بىلەن تىك تۇردى.

  سائەت 10دا، دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇندىدى. پۈتۈن مەيداندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى، ياڭراق دۆلەت شېئىرى ساداسى پەلەككە يەتتى. دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى نەق مەيدانى ۋە پۈتۈن نەنجىڭ شەھىرىدە ھاۋا مۇداپىئە سېگنالى چېلىندى، ئاپتوموبىل، پويىز، پاراخوتلارمۇ تەڭلا سېگنال چالدى، پىيادىلەر جايىدا توختاپ سۈكۈتتە تۇردى.سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھەربىي ئوركېستىر «دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇزىكىسى»نى ئورۇنلىدى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۈچ خىل ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلىنىڭ ئەسكەرلىرى سەككىز گۈلچەمبىرەكنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەم بىلەن تەزىيە بىلدۈرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، گۈلچەمبىرەكلەرنى «كۈلپەت تېمى»نىڭ ئالدىغا قويدى. نەنجىڭ شەھىرىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ 80 ۋەكىلى «تىنچلىق خىتابنامىسى»نى ئوقۇدى.

  ئارقىدىن يۈ جېڭشېڭ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، مەقسىتىمىز نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارنى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلارنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە مىللىي قەھرىمانلارنى، جۇڭگو خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ھاياتىنى قۇربان قىلغان خەلقئارادىكى جەڭچىلەر ۋە دوستلارنى ياد ئېتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتىش قەتئىي مەيدانىنى جاكارلاپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتەك ئالىيجاناب ئارزۇسىنى دەبدەبىلىك ئىپادىلەش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…