خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. جايلار، تارماقلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلىپىىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
قىشتىكى شىمالىي جياڭسۇدا ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، ھەممىلا جاي قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ چىنجيەن، ئۆلكە باشلىقى ۋۇ جېڭلۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، شۈجۇ شەھىرىدە كارخانا، يېزا، ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىغا بېرىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى ۋە ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن شۈجۇغا كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن شۈجۇ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى گۇرۇھى ئېغىر تىپتىكى ماشىنا چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كۆچۈردى. شۈجۇ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى گۇرۇھىنىڭ ئاساسى 1943-يىلى قۇرۇلغان 8-ئارمىيە جەنۇبىي شەندۇڭ 8-قورال-ياراغ زاۋۇتى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان كۆپ خىل ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلىرى بازاردا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، دۇنيا مىقياسىدا سېتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ ئەقلىي ياسىمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا قاتنىشىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. شى جىنپىڭ كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش، تەرەققىي قىلىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، خەلقئارا ھەمكارلىق، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كارخانىنىڭ قىزىل گېنغا ۋارسلىق قىلىپ، دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت كارخانىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادنىڭ «تۈۋرۈكى». پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تايانچ كۈچكە، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تۈۋرۈككە ۋە تايانچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى