باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي تەلىم ۋە ئۇرۇش ھازىرلىقى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.12.15 15:14   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي تەلىم ۋە ئۇرۇش ھازىرلىقى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى 71-جىتۈەنجۈننى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش ھازىرلىقىغا ۋە ئۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جىتۈەنجۈننىڭ قۇرۇلۇش، باشقۇرۇش، ئۇرۇشقا تەتبىقلاش ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تىپنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى بۇرچ ۋە ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

  باش قىشتىكى خۈەيخەي زېمىنى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. شى جىنپىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەر ئەتراپىدا، 71-جىتۈەنجۈننىڭ مەلۇم لۈسىگە كېلىپ، ئاۋۋال يولداش ۋاڭ جيې ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەندىكى كوماندىر-جەڭچىلەرنى يوقلىدى. ۋاڭ جيې 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇلۇغ كوممۇنىزم جەڭچىسى بولۇپ، ئۇ يېنىدىكى 12 خەلق ئەسكىرى ۋە خەلق قوراللىق بۆلۈمى كادىرىنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن شەرەپ بىلەن قۇربان بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلانغان. شى جىنپىڭ ۋاڭ جيې ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەن-دۈينىڭ شەرەپخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. سۈرەتلەردە ۋاڭ جيېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسى خاتىرىلەنگەن، ھەر بىر پارچە كۈندىلىك خاتىرىدە قەھرىماننىڭ ئالىيجاناب روھى ئەكس ئەتكەن، ھەر بىر لەۋھەگە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قەھرىمانغا بولغان چەكسىز مەدھىيەسى سىڭگەنىدى. شى جىنپىڭ ناھايىتى تەپسىلىي كۆرۈپ، بىردەم-بىردەم توختاپ، سوراپ تۇردى. شى جىنپىڭ ۋاڭ جيېنىڭ شان-شەرەپ ۋە ئىلگىرىلەشكە توغرا قارىغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا، چوڭقۇر تەسىرات بىلەن مۇنداق دېدى: ۋاڭ جيې «شان-شەرەپكە، تەمىناتقا، ماددىي مەنپەئەتكە قول ئۇزارتمىغان»، بۇ «ئۈچكە قول ئۇزارتماسلىق» بىر ئەينەكتۇر، كومپارتىيە ئەزالىرى بۇ ئەينەككە ياخشى قارىشى كېرەك. شى جىنپىڭ ۋاڭ جيېنىڭ جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقماسلىقتەك ئىش-پائالىيەتلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق−جىگەرلىك ۋە جاسارەتلىك بولۇشنىڭ جانلىق كارتىنىسى، ئىنقىلابىي ھەربىي بولۇشنىڭ دەستۇرى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ۋاڭ جيې روھى ئۆتمۈشتىمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز، ۋاڭ جيې روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋاڭ جيې روھىنىڭ يېڭى دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…