باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭنىڭ كەسپىي ئورۇنلىرى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلدى

شىنجاڭدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قارىتا تۆت تۈرلۈك يېڭى تۈزۈم ئېلان قىلىندى

2017.12.14 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا قارىتا تۆت تۈرلۈك يېڭى تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ جەمئىيەتتىن ئاشكارا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، خىزمەت ئورنىغا خادىم تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر بەلگىلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.

  12-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېقىندا «ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ جەمئىيەتتىن ئاشكارا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ى، «ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىش ئورنى تۈرى، ئىش ئورنىغا چىقىش، تەكلىپ قىلىنىش ۋاقتى مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ى، «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىش ئورنى ماھارىتى 1-دەرىجىلىك ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ى، «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا 2-دەرىجىلىك ئىش ئورنىغا خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشىلاپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت تۈر بويىچە سىياسەتتە يېڭىلىق ياراتتى.

  ئالدى بىلەن مەۋقەنى ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا تۆت دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، رايون دەرىجىسى جەھەتتىن، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا خادىم تەكلىپ قىلىشتا، ماگىستىر ئاسپىرانت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملارنى تەكلىپ قىلىشتا ۋە يېزا-بازار (كوچا) دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇنلارغا دۆلەتنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملارنى تەكلىپ قىلىشتا تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلدى.

  ئۇندىن قالسا، كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى خىزمەت ئورنىدىن ئىش تۈرى ھالقىپ خىزمەت ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدە، ئىش ئورنى تۈرىدىن ھالقىپ خىزمەت ئالماشتۇرۇپ ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنىش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورۇنلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) چۈشۈرگەن (ۋەزىپىگە تەيىنلەش) ھۆججەت ۋاقتىنى خادىملارنىڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنىش ۋاقتى دەپ قارىدى. بۇنداق بولغاندا ھەم كادىرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇشتا باشلىنىش-ئاخىرلىشىش ۋاقتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولدى، ھەم ئىش ئورنى ئوتتۇرىسىدىكى يۆتكلىشنىڭ ئىلمىي، مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈردى.

  ئۈچىنچىدىن، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئالىي تېخنىك تېخنىكا دەرىجە سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، يېشى 55 ياشتىن يۇقىرى، خىزمەت ئىستاژى 30 يىلدىن ئاشقان ئەر خىزمەتچىلەرگە ياكى يېشى 45 ياشتىن يۇقىرى، خىزمەت ئىستاژى 25 يىلدىن ئاشقان ئايال خادىملار ئىش ئورنى ماھارىتى 1-دەرىجىلىك ئىش ئورنىغا ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنىشتا ئىش ئورنى، ۋەزىپە چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىدى ھەمدە مۇناسىپ ئىش ئورنى تەمىناتى بېرىلىپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا 2-دەرىجىلىك ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش شەرتىدە، ئالىي دەرىجىلىك ئىش ئورنىدا بەش يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش چەكلىمىسى بىكار قىلىندى، يۇقىرى قاتلاملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى تەكلىپ قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى. دۆلەتنىڭ «ئون مىڭ كىشىلىك پىلانى» غا تاللانغان، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى، گەۋدىلىك تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ تەبىئىي پەن، تېخنىكا ئىجادىيىتى، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى 2-دەرىجىلىك (2-دەرىجىلىك مۇكاپاتتا ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ) ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتى، پاتېنت ھوقۇقى ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر (شەخسىي دەرىجىسى بىردەك 1-بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ) كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا 2-دەرىجىلىك خىزمەت ئورنىغا تەكلىپ قىلىش شەرتىگە چۈشكەنلەر تەكلىپ قىلىندى.

  بۇ قېتىمقى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا 2-دەرىجىلىك ئىش ئورنىغا تەكلىپ بىلەن چىقىش شەرتىمۇ تەڭشەلدى. يىل بويى ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت ئىشلىگەن، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن تۆھپە قوشقان يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كەسپىي تېخنىكا ئالىي دەرىجىلىك ئىش ئورنى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا سەككىز يىل بولغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بىۋاسىتە كەسپىي تېخنىكا 2-دەرىجىلىك ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر