خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن كورىيە زۇڭتۇڭى مۇن جىئىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇن جىئىننىڭ جۇڭگو بىلەن كورىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورىيە يېقىن قوشنىلار ھەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، ئىككىلا تەرەپ زور پايدا ئالدى. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، ھەممىگە ئايان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىدە ئاز-تولا داۋالغۇش كۆرۈلۈپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ياراتقانلىقى بولىدىغانلىقىنى ئىبرەت ۋە ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، كورىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە مۇھىم ئورۇنلۇق تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىش تۈپ پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان قوشنىدارچىلىق يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ئاساسىي مەقسىتىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو-كورىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا تەرەققىيات يولىدا باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى