- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قاردىن كېيىن تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 12℃قا چۈشىدۇ
2017.12.15 15:40 مەنبە: خەلق تورى
سۈرەتتە: 14-دېكابىر سائەت 11دە، سايباغ رايونلۇق مۇھىت تازىلىق ئىدارىسىنىڭ قار تازىلاش ماشىنىلىرى ياڭزىجياڭ يولىدىكى قارنى تازىلىماقتا
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-دېكابىر ئەتىگەندە، تۇيۇقسىز ياغقان قار شەھەر يوللىرىنى ئاپپاق لىباسقا پۈركىدى. كونىلارنىڭ: «قار ياغقاندا سوغۇق بولمايدۇ، قار توختىغاندا سوغۇق بولىدۇ»، دېگىنىدەك، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، سوغۇق كۈچۈيىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 12 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن، لېكىن ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قارىغاندا، بۇ ئىككى كۈندە قار ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ياغىدۇ. شىمالىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭنىڭ شامال ئېغىزلىرىدا يەتتە بال ئەتراپىدا شەرق شامىلى چىقىدۇ. بۇ بەلكىم قاتناش-تىرانسپورتىغا پايدىسىز بولغان قار-شىۋىرغانلىق ھاۋا رايىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە ئاممىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشىنى ئەسكەرتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر