باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى»نى تارقاتتى

2017.12.18 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىلارغا قارىتا تۆلىتىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2015-يىلى «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»نى تارقىتىپ، جىلىن قاتارلىق يەتتە ئۆلكە، شەھەردە ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى ئورنىتىشنى يەنىمۇ تېزلىتىش ئۈچۈن، جايلارنىڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا بۇ لايىھە تۈزۈپ چىقىلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ ۋە نىشان

  پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنىڭ تۆلەم دائىرىسى، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى، تۆلەم سۇبيېكتى، زىيان تۆلىمىنى ھەل قىلىش يولى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇناسىپ بېكىتىش، باھالاش، باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا سىستېمىسى، مەبلەغ كاپالىتى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۆلۈم تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ. 2020-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا مەسئۇلىيەت ئېنىق، يول راۋان، تېخنىكىسى ئۆلچەملەشكەن، كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرىدىغان، تۆلەم نەقلەشتۈرۈلىدىغان، ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر