باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 20 مىليون ئادەم(قېتىم)گە يەتتى

2017.12.15 15:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 12- ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە 20 مىليون ئادەم(قېتىم)گە يەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، 12- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يولۇچى توشۇش مىقدارى 21 مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشىدىكەن.

  «12- بەش يىل»دىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ئورنىغا مۇناسىپ ھالدا بارغانسېرى ئاشتى. يولۇچى توشۇش مىقدارى 2011- يىلى تۇنجى قېتىم 10 مىليون ئادەم(قېتىم)گە، 2013- يىلى 15 مىليون 360 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە، 2016- يىلى 20 مىليون ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە 2 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن كۆپەيدى. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى 38 ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى قاتناپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى مەملىكەت ئىچىدىكى 75 شەھەرگە، خەلقئارا ۋە رايونلاردىكى 24 شەھەرگە تۇتىشىپ، «شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شەرق بىلەن غەرب تۇتاشقان» ئاۋىياتسىيە تورى ئاساسەن شەكىللەندى.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى كەلگۈسىدە شەرقىي ئاسىيا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا رايونى ۋە ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورتىدىكى يادرولۇق خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىگە ئايلىنىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 2020- يىلى 30 مىليون ئادەم(قېتىم)گە، يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 250 مىڭ توننىغا، خەلقئارا كەسىپ مىقدارى %10كە، قاتنايدىغان شەھەر 100گە يېتىدىكەن. ئايروپورت قاتناش تورى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بىر سائەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەممە يېرىگە بارالايدىغان قاتناش تورى شەكىللەندۈرۈلىدىكەن.

  ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال قاتناش نىسبىتى ئۇدا تۆت ئاي مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، 3- پەسىلدىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتنى باھالاشتا 3.72 نومۇرغا ئېرىشىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئايروپورتلار تىزىملىكىدە يىل بېشىدىكى 28- ئورۇندىن 24- ئورۇنغا ئۆرلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر