باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش پۈتۈن رۇسىيەنىڭ ئورتاق تونۇشى، دېدى

2017.12.15 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 14- چېسلا ج ك پ 19 - قۇرۇلتىيى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا يۈكسەك باھا بەردى، ھەمدە ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرغان رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى مەيلى نەتىجىسى قانداق بولسۇن، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دېدى.

  پۇتىن شۇ كۈنى موسكۋادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ يىغىن ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. پۇتىن يىغىندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان قارارلار يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو مۇقىم تەرەققىي قىلىش ۋە خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتىلىدىكەن. بۇ، رۇسىيەنىڭ نىشانى بىلەن بىر يەردىن چىقتى.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھازىر توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. جۇڭگو رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدە، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۆۋەنلەش بولغان ئىدى، لېكىن، بۇ يىلقى ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، نەچچە يىل ئىلگىرىكى ياخشى ھالەت ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ ھەمدە ئۆتكەن ئۇ يىللاردىكىدىنمۇ ئاشىدۇ.

  پۇتىن يېقىندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، 2018-يىلى رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسا، رۇسىيەنىڭ ئورتاق تونۇشى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مەيلى سايلام نەتىجىسى قانداق بولسۇن، رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى داۋاملىق تەرەققىي قىلغۇسى.

  پۇتىن مۇنداق دەپ قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى ئىدىيەسى پۈتۈنلەي سىغىشىدۇ، شۇڭا، بۇ ئىككىسىنى تۇتاشتۇرۇشتا مەلۇم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، توشۇش، ئېنېرگىيە مەنبەسى، ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق تۈرلىرىمىز بار.

  پۇتىن يەنە رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، سۇرىيە، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسى ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇخبىرلارغا جاۋاب بەردى. مۇخبىرلار يىغىنى تۆت سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر