باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سومالىدىكى ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 18كە يەتتى

2017.12.15 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سومالى ساقچى تەرەپ 14-چېسلا مۇنداق دېدى: سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشونىڭ شەھەر رايونىدىكى بىر ساقچى ئىنستىتۇتى شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 18 ئادەم قازا قىلىپ، 15 ئادەم يارىلاندى.

  سومالى ساقچى قىسىمىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بىر ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ھۇجۇم قىلغۇچى مۇقدىشۇ ساقچى ئىنستىتۇتى ئىچىدە بەدىنىگە يوشۇرغان بومبىنى پارتلاتتى.

  سومالى زۇڭلى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ھامۇد تاراتقۇلارغا: ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلدى، ھۆكۈمەت تەكشۈرۈشنى تاماملىغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلىدۇ، دېدى.

  سۇمالى «ياشلار پارتىيەسى» بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  سۇمالى «ياشلار پارتىيەسى» «بازا» تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىدار ئەسەبىي تەشكىلات بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سومالى ۋە قوشنا دۆلەتلەردە كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر