باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنخۇيدا پەۋقۇلئاددە زور قانۇنسىز جامائەت ئامانەت پۇلى يىغىش دېلوسى پاش قىلىندى

دېلودا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ 2 مىليارد يۈەنگە يېقىن پۇلى ئالداپ ئېلىنغان

2017.12.15 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر كۈنى ئىككى مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىش، قاتلاممۇ قاتلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، 20 مىڭدىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچى قىلتاققا دەسسىتىلگەن. خېفېي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باۋخې شۆبە ئىدارىسى يېقىندا بىرلىكتە قانۇنسىز جامائەت ئامانەت پۇلى يىغىش دېلوسىنى پاش قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق مەبلەغ 2 مىليارد يۈەندىن، دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى 20دىن كۆپ.

  بۇلتۇر 4-ئايدا، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ئاممىنىڭ مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ساقچى تەرەپ دېلوغا چېتىشلىق ئەنخۇي تيەنخې ئىتتىپاقى پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قانۇنسىز جامائەت ئامانەت پۇلى يىغىش دېلوسىغا دېلو ئېچىپ تەھقىقلىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى جيې X بىلەن ۋاڭ X X، چيۇ X شېرىكلىشىپ، بۇلتۇر 12- ئايدا خېفېيدا ئەنخۇي تيەنخې ئىتتىپاقى پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرغان. بۇ شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم شىركەت تىجارەت ئورنىدا سىرتقا تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، شىركىتىمىز پاي ھوقۇقى بىلەن جامائەت يىغىش قىلىدىغان پۇل مۇئامىلە شىركىتى، دەپ تەشۋىق قىلىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز يۈرۈشتۈرۈپ، شىركەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ ناسداكتا بازارغا سېلىنىدىغان پاي چېكىنىڭ پاي باھاسىنى ئاشۇرغان، يەنە پاي چېكى قىممىتىنىڭ ئۆرلىشىدىن تاپقان مەبلەغ پۇلىنى مەبلەغ سالغۇچىلارغا قايتۇرغان.

  مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالداپ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ شىركەت قەستەن كىرىش ئۆلچىمىنى يۇقىرىلىتىپ، ئەگەر مەبلەغ سالماقچى بولسىڭىز، چوقۇم شىركەتنىڭ ئەزالىرى تەۋسىيە قىلىشى، ئاۋۋال 4000 يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ ئەزالىق سالاھىيىتىنى سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەزالارنىڭ ھەر بىرى 4000 يۈەنلىك پۈتۈن سانلىق ھەسسە بويىچە مەبلەغ سېلىشى كېرەك، مەبلەغ سېلىش مۇددىتى توققۇز ھەپتە بولۇپ، توققۇز ھەپتىدىن كېيىن ئۆسۈمى بىلەن ھەر بىر پارچىدىن 7600 يۈەن پايدا ئالىسىز، ئەزانىڭ ئومۇمىي پايدىسى ئۆزىنىڭ نامىدا بىۋاسىتە تەرەققىي قىلدۇرغان ئادەم سانىغا ئاساسەن قوشۇلۇپ ماڭىدۇ، دېگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ شىركەت مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىشنى باھانە قىلىپ، سىرتقا ساختا تەشۋىق قىلىش ھەمدە يۇقىرى پايدا بېرىشكە ۋەدە قىلىپ، جەمئىيەتتىكى مۇئەييەن بولمىغان ئوبيېكتلارنى مەبلەغ سېلىشقا ئازدۇرغان، قىلمىشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى شەكىللەندۈرىدۇ. نۆۋەتتە بۇ دېلوغا ئەيىبنامە سۇنۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر