باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تىرىشىپ بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن

قومۇل شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يۈسۈپ ۋاھىت

2017.12.15 15:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 نەچچە يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە كىرگەن ئاشۇ مىنۇتتىن باشلاپ، بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىمنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەلەپلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ كەلدىم.

  بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن- ئاخىر سىياسىي ئېتىقادتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمەن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىمەن، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمەن، ئىنتىزام ئىجراسىنى شەرتسىز ئىجرا قىلىپ، قائىدىگە شەكسىز رىئايە قىلىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، چەكتىن ھالقىپ كەتمەيمەن. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن، «تۆت ئىشەنچ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىمەن، ئۆز قۇرۇلۇشۇمنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش قابىلىيىتىمنى، ئاممىۋى خىزمەت قابىلىيىتىمنى، خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرىمەن، ئىنتىزامنى باشتىن- ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشنى قەلبىمگە پۈكۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سادىق، مەسئۇلىيەتچان كادىر بولىمەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ گۈللەپ راۋاجلانغان، ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان ۋەزىيىتىنى، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى كۆرۈشنى خالىماي، تۈرلۈك بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەسەبىيلەرچە شۇغۇللىنىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان زەھەرلىك ئۆسمىگە ئايلاندى. «ئۈچ خىل كۈچ» ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت- بەشىرىسى ئاللىقاچان تولۇق ئاشكارىلاندى، ئۇلار گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنماقتا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزمەكتە. كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ گەپ- سۆزى چىرايلىق، شوئارى جاراڭلىق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ جىسمىغا تەشكىلنى ئالداپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇشتەك ئەكسىيەتچىل ماھىيەت ۋە رەزىل قىلمىش يوشۇرۇنغان. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرمىساق، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى يوقاتمىساق، كادىرلار قوشۇنى ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاكىز تازىلىمىساق، دۆلەتتە خاتىرجەملىك بولمايدۇ، ئەل ئەمىنلىك تاپالمايدۇ.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، ھەقىقىي پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، دائىم پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، باشتىن- ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كۈرەش قىلىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئاشكارىلاپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ھەرگىزمۇ يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرمايمەن. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ تارىخنى بۇرمىلاش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دەيدىغان بىمەنە سەپسەتىنى قەتئىي ئېچىپ تاشلايمەن، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولىمەن.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمەن، ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى ئۆستۈرىمەن، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىمەن. ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، سەمىمىي ئادەم بولۇشنى ئاساسىي مىزان قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلايمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. كادىرلار ئۆلچىمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر