- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىدىن 10نى قۇرۇلدى
2017.12.15 15:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يېقىندا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىدىن 10ى قۇرۇلدى. بۇ 10 مەركەز تۆۋەندىكى جايلار ۋە ئورۇنلاردا: يەنى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ شەھىرى، شاڭخەي شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
بۇ 10 تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك ھالدىكى تەتقىق قىلىش ئەمەلىي كۈچى ۋە كۈچلۈك تەتقىقات قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە شەرھلەش جەھەتتە چوقۇم مۇھىم رول ئوينايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر